|
پىچان ناھىيىسى بۇ يىل سانائەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى، مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم چوڭ كارخانا – گۇرۇھلارنى جەلپ قىلدى.
پىچان ناھىيىسى بۇ يىل ناھىيىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىككى سانائەت رايونىغا 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى. كارخانىچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇردى ھەم مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇردى. ھازىرغىچە جەلپ قىلىنغان تۈر 17 گە، پۈتۈشۈش سوممىسى 598 مىليون 314 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %40.2، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 111 مىليون 232 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %43.3 ئاشتى. ‹‹ۋەنشاڭ›› گۇرۇھى، ‹‹لۇئەن›› گۇرۇھى، ‹‹شىنتەي›› كانچىلىق شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك كارخانىلار پىچانغا ماكانلىشىپ، پىچان سانائىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.
|