باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ھاكىمجان تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق ياراتتى
2008- 10- 08 12:40 شىنجاڭ گېزىتى

      توققۇزتارا ناھىيىسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايىلىك، ئىزدىنىش روھىغا باي يېڭىچە دېھقانلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ئاقتۆبەك يېزىسىنىڭ گۆرجىلغا كەنتىدىكى ھاكىمجان بۇ ناھىيىدە ھازىرغىچە باشقىلار سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان تېرىقچىلىق تېخنىكىسى –– ئېڭىز ئورنىغا تاۋۇز تېرىشنى سىناق قىلىپ يېڭىلىق ياراتتى.

     ئېڭىز ئورنىغا تاۋۇز تېرىش جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ئادەتتىكىچە ئىش بولسىمۇ، ئەمما ھاۋا كىلىماتى سەۋەبىدىن بەزى زىرائەتلەردىن ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغان شىمالىي شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئىلى رايونىغا نىسبەتەن يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلاردا يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دېھقانلارنىڭ بىر قىسمى يېڭىچە يول تۇتتى. ھاكىمجان بۇ يىل 12 مو يەرگە تالالىق زىغىر تېرىپ ئورنىغا نېمە تېرىشنى بىلەلمەي تۇرغانىدى، ئۇ توققۇزتارا ناھىيىسىدە تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تالالىق زىغىر ئورنىغا تاۋۇز تېرىشنى پىلانلاپ، 5 – ئايدا ئۆيىدە تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈردى، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا 500 يۈەن ياردەم قىلدى، 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ھاكىمجان ئۆيىدە يېتىشتۈرگەن تاۋۇز مايسىلىرىنى ئېڭىز ئورنىغا كۆچۈرۈۋېدى يېزىدىكى تېخنىكلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىز بېشىدا يۈرۈپ، تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ تېرىغان تاۋۇزلار راسا ئوخشاپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ھاكىمجان: كاللا ئىشلەتسەكلا پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدىكەنمىز، ھازىر تاۋۇزنىڭ ھەر كىلوگرامى 0.7 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ھەر مو يەردىكى تالالىق زىغىرنىڭ كىرىمى 600 يۈەندىن ئاشتى، تاۋۇزنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا بىر مو يەرنىڭ كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشقۇدەك، دېدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ