باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
گۇچۇڭ 1 – كېنىنىڭ يىلىغا 12 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى گۇچۇڭ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى
2008- 10- 08 11:55 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     لۇئەن شىنجاڭ شىركىتى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان گۇچۇڭ 1 – كېنىنىڭ يىلىغا 12 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 7 – ئۆكتەبىر گۇچۇڭ ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر تۈر 3 يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

    گۇچۇڭ 1 – كېنىنىڭ كان قۇدۇقى كۆلىمى 64.48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نېفىت زاپىسى 2 مىليارد 115 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ئاساسىي كۆمۈر قاتلىمىدا توپىسى ئاز، گۈڭگۈرت ۋە فوسفۇر مىقدارى تۆۋەن، ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى كۆمۈر بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئېنېرگىيە ھەم خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان، گازغا ئايلاندۇرىلىدىغان، خىمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇنداق دېدى:‹‹مەزكۇر تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر توك، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لۇئەن شىنجاڭ شىركىتىنىڭ گۇچۇڭ كۆمۈر كېنىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر تىپىدىكى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ھەمدە كارخانىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ