باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
جاپپار ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىدىكى يۈز ياشتىن ئاشقان بىر قىسىم ياشانغانلار بىلەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى يوقلىدى
2008- 10- 08 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      7 – ئۆكتەبىر يىلدا بىر كېلىدىغان ياشانغانلار بايرىمى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان يۈز ياشتىن ئاشقان بىر قىسىم ياشانغانلار بىلەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

     جاپپار ھەبىبۇللا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يۈز ياشلىق موماي نىساخان ئوسمان، ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار سۇڭ جېيىڭ ۋە رەيھان مىجىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلدى. جاپپار ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى:‹‹ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياشانغانلار بولۇپمۇ نامرات بوۋاي – مومايلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياشانغانلارنىڭ بايرىمىنى خوشال – خۇرام ئۆتكۈزۈپ، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمىز.››
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ