|
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا :
فۇنكسىيىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى
7 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى توغرا ئىدىيە ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلانغان، ئەقىل – پاراسەت زىچ توپلانغانلىقىدەك ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالارنى تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەپ ۋە قوزغاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش ۋە دەلىللەش – كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتكە پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام، ماس راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
خۇاڭ چاڭيۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، ئۇنىڭدا تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك. چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشى مۈجىمەل بولماسلىق، پوزىتسىيىسى يۇمشاق بولماسلىق، مەيدانى بوش بولماسلىقنى باشتىن – ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن مەمەتجان ئەمەت، قېزايجان سېلىغوجا، رىزۋان ئەبەي، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تىيىپ، باش كاتىپ بادەي يىغىنغا قاتناشتى.
|