|
ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلار يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئورگاندىكى پارتىيىلىك كادىرلارغا يىغىن ئېچىپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكىلەرنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئورگاندىكى بارلىق پارتىيىلىك كادىرلار مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ ۋە ياخشى ئۈنۈم بىلەن ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى سېستىمىسىدىكىلەرگە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر بىر خىزمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى شۇنداقلا ئورگاندىكى پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئورگاندىكى پارتىيىلىك كادىرلار تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيىدە بىرلىككە كېلىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا بويسۇنۇش ۋە خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولياڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالپىسباي راقىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن دۇچىنرۈي، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، ما مىڭچىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
|