|
3 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى 10 – ئۆكتەبىردىن 12 – ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 7 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى كۇئېنلۇن مېھمانخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يىڭ شېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغ – ئورمانچىلىقىنى رايون ھالقىغان ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ، شەندۇڭ قاتارلىق 20 دىن كۆپرەك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئۆمەك تەشكىللەپ ياكى كارخانىلارنى تەشكىللەپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 80 گە يېقىن ناھىيە، شەھەردىكى 210 دىن كۆپرەك كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ، بىز بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېڭى پېتىچە ساقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان چوڭ كارخانىلار، چوڭ گۇرۇھلارنى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇلۇشىنى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋىي باغۋەنچىلىكنى زامانىۋىي باغۋەنچىلىككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، باغۋەنچىلىك بازىسى كۆلىمىنى تېز كېڭەيتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغۋەنچىلىكىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، كۆلەم، سۈپەت ۋە ئۈنۈمدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يىڭ شېڭ مۇنداق دېدى: 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغ كۆلىمى 2002 – يىلىدىكى 6 مىليون 90 مىڭ مودىن ئېشىپ، 13 مىليون موغا يەتتى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي مىقدارى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم ھالدا 1 مىليون 300 مىڭ توننا ۋە 3 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن 4 مىليون 500 مىڭ توننا ۋە 11 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىدە باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى 450 يۈەندىن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىدە %14.3 نى ئىگىلىدى، ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونىدا دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىدا %25 تىن ئاشتى.
|