باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر ئو ت م دىكى تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلىدى
2008- 10- 08 11:36 شىنجاڭ گېزىتى

      ئاپتونوم رايونىمىز 6 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م  غا قاتناشقان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەرتچىلەر ۋە ترېنېرلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ۋە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن ئىدارىلەرنى تەقدىرلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخس ۋە كوللېكتىپلارغا مۇكاپات بەردى.

    

    13 – نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م دا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىڭ سۇپىڭ، جېن ۋېيخەي، چېن لىپىڭ، ۋاڭ يەنخۇڭ يېنىك ئاتلېتىكا، ئوقيا ئېتىش تۈرىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر ئالتۇن، بىر كۈمۈش مېدال ئالدى، بىرى 4  –، بىرى 5 – بولدى، بىرى دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى. ئاپتونوم رايونىمىز مېيىپلەر ئو ت م دىكى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار ۋە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن ئىدارىلەرنى 2 مىليون 730 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلەرنى 500 مىڭ يۈەن بىلەن، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلەرنى 350 مىڭ يۈەن بىلەن، دۇنيا رېكورتىنى بۇزغانلارنى 50 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى.

     نۇر بەكرى تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەبرىكلىدى. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بىز تەنتەربىيىنىڭ مېيىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەر ماھارەت تەنتەربىيىسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مېيىپلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مېيىپلەر تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە كېتىدىغان خىراجەت، مەيدان، تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرگە كېتىدىغان سېلىنمىنى زورايتىپ، مېيىپلەرنىڭ چېنىقىش ۋە مۇسابىقىلىشىشكە بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن فۇ چياڭ، لى يى، نەيىم ياسىن، جاپپار ھەبىبۇللا، مەمەتجان ئەمەت تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ