|

قوچقار سوقۇشتۇرۇش

ساياھەتچىلەر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە
باي ناھىيىسى قىزىل ئۈزۈم سەنئەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 6 – ئۆكتەبىر باي ناھىيىسدە باشلاندى.
باي ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ نۆۋەتلىك قىزىل ئۈزۈم سەنئەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە باي ناھىيىسىدىن چىقىدىغان ئۈزۈم ، ياڭيۇ ، قىزىلمۇچ ، قۇلماق ، سامساق ، نۇقۇت ، ئاق گازىر ، تاۋۇز ، ئىنچىكە قوي يۇڭى ، ئۆچكە تىۋىتى قاتارلىق ئالاھىدە ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ سېتىش پائالىيىتى، باي ناھىيىسى قىزىل يېزا ئەل ئىچى ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى ، ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرگەزمە ئويۇنى ، ھۆسنىخەت كۆرگەزمىسى شۇنداقلا ئۈزۈم يېيىش ، قىزىلمۇچ يېيىش، تاۋۇز يېيىش ، پەمىدۇر يېيىش ، ئوغۇت كۆتۈرۈش قاتارلىق قىزىقارلىق مۇسابىقىلەر ، كالا ئۈسۈشتۈرۈش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش ، خوراز سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ ، بايراملىق كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى.
|