باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
زەكتى دېھقانلىرى ئۆز ئورنىدا كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتى
2008- 10- 07 12:21 شىنجاڭ گېزىتى

     كۆنەس ناھىيىسىنىڭ زەكتى بازىرىدىكى دېھقانلار بۇ يىل ئۆز يېرىدىكى كارخانىلاردىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

     زەكتى بازىرى تۆمۈرلۈك كەنتىدىكى دېھقان گېمىڭنۇر بىلەن ئايالى پولات – تۆمۈر، پاختا – چىگە زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپ، ئايدا 2000 يۈەندىن كىرىم قىلدى. ھازىر، زەكتى بازىرىدا گېمىڭنۇرلارغا ئوخشاش ئۆز ئورنىدىكى كارخانىلاردىن ئىش تاپقان دېھقانلار 2400دىن ئاشتى.

     زەكتى بازىرىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بازاردىكى چوڭ – كىچىك كارخانا 20 دىن ئاشىدۇ. بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقىنى تۈگىتىش ۋە كۈتۈلمىگەن خېيىمخەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بازار تەۋەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئاساسىدا، بازار باشلىقى مەسئۇل بولغان ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ۋە  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ