|
يېزا ئىگىلىك 5 – شىسى 90 – تۈەن – مەيدانى 7 – ليەنىنىڭ ئىشچىسى لوڭ شىجاڭ ھۆددە ئالغان 120مو يەر 2003 – يىلىدىن ئىلگىرى باستۇرۇلۇپ سۇغىرىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلەر شورلۇق بولغاچقا، ھوسۇلى ئاز ئىدى. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى ئۇنىڭغا نەپ يەتكۈزدى. ئۇ: تۈەن – مەيدانىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يەرلەرنى تېمىتىپ سۇغىرىدىغان بولدۇم، بۇنىڭ بىلەن چىگىتلىك پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 200 نەچچە كىلوگرامدىن 400 كىلوگرامغا يېتىپ، بىر قاتلاندى، تېرىقچىلىقتىن قىلغان كىرىمىم بۇلتۇر 80 مىڭ يۈەنگە يەتتى، دېدى.
يېزا ئىگىلىك 5 – شىسىنىڭ 90 – تۈەن – مەيدانى تەۋەسىدە يىلدا 160 نەچچە كۈن سەككىز بالدىن يۇقىرى بوران چىقىپ تۇرىدۇ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى 100 نەچچە مىللىمېتىر بولۇپ، شورلۇق يەر كۆپ، قۇرغاقچىلىق تەھدىتى ئېغىر تۈەن – مەيدان ئىدى. تۈەن – مەيدان 1994 – يىلىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 91 مىليون 780 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى مەركەز قىلىنغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش بازىسى بەرپا قىلدى. 14 يىلدىن بۇيان، بۇ تۈەن – مەيدان ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 60 نەچچە مىڭ مو يەردە تېمىتىپ سۇغىرىشنى يولغا قويدى؛ يېڭىدىن 49 كۆز ماشىنىلاشقان قۇدۇق قازدى، 126كىلومېتىر زەيكەش چاپتى؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە 2000 مو ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى؛ ئېغىل – قوتان سېلىپ، كالا، قوي نەسلىنى ياخشىلاشقا دائىر تۈرلەرنى يولغا قويدى؛ 10 مىڭ گىكتار يەردە ئېكولوگىيىلىك ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلدى؛ كېۋەزنى تۈجۈپىلەپ تېرىش، تېجەشلىك سۇغىرىش، تۈجۈپىلەپ ئوغۇتلاش، يۇقىرى زىچلىقتا كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى. بۇلتۇر بۇ تۈەن – مەيداندىكى يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى.
|