باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدا خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى
2008- 10- 07 12:08 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش شۇنداقلا خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتى يىغىندىن ئىگىلىشىچە،  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان. 14 سۇ ئامبىرى  قۇرۇلۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولغان.

    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك سىستېمىسىدا 360 سۇ ئامبىرى بار. ئەمما سۇ ئامبارلىرى ئۇزۇندىن بۇيان رېمونتسىز قېلىش شۇنداقلا ئاساسىي ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن خەتەرلىك سۇ ئامبىرى 318 گە يەتكەن. 2002 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، خەتەرلىك سۇ ئامبىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداپ بولغان. ئاپتونونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن سۇچىلىق مىنسىتىرلىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ھەر بىر سۇ ئامبىرىغىچە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرغان. نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدىكى پىلان ئىچىدىكى 94 سۇ ئامبىرى ئىچىدە 92 سۇ ئامبىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنداپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە 39 سۇ ئامبىرى سۇ ساقلاش باسقۇچىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئاياغلاشتۇردى. 2 –  تۈركۈمدىكى پىلان ئىچىدىكى 23 سۇ ئامبىرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش مەخسۇس تۈر پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. نۆۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. يەنى بىرىدە پات يېقىندا سودىگەر چاقىرىش ۋە خېرىدار بولۇش خىزمىتى ئورۇندىلىپ بۇلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2010 – يىلىغا بارغاندا، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي ئورۇنداپ بولۇشنى پىلانلىغان.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ