|
دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە، سانائەت تۈرلىرىنىڭ بىر قىسمىدا ئىش باشلىنىپ، بىر قىسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2 – ، 3 – ئۆكتەبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قاتارلىق رەھبەرلەر بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىگە بېرىپ، بۈگۈر – ئوتتۇرا تارىم – چەرچەن 220 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، مېك خىمىيە سانائىتىنىڭ يىلىغا 60 مىڭ توننا بوتاندىئول ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ۋە كورلا تاشدەن ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 4 – قارارلىق قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالدى ۋە لېنتا كەستى.
2 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا تارىم قۇملۇقىنىڭ مەركىزىدە بۈگۈر – ئوتتۇرا تارىم – چەرچەن توك يەتكۈزۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 1 مىليارد 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى %50 مەبلەغنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتى، باۋشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – شىركىتى ئايرىم ھالدا 175 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، قالغان قىسمىنى ئالتە كانچىلىق تەرەققىيات شىركىتى چىقىرىدۇ. قۇرۇلۇشتا— 220، 110 كىلوۋولتلۇق لىنىيە 1120 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ، بىر قانچە ترانسىفورماتور ئىستانسىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ ۋە كېڭەيتىلىدۇ. 2009 – يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چەرچەن، چاقىلىق ئىككى ناھىيىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىپ، كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى يېتەرلىك ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شۇنداقلا چوڭ ئېلېكتر تورىنىڭ ئوتتۇرا تارىم قاتارلىق نېفىت، تەبىئي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى توك بىلەن تەمىنلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق نېفىت، تەبىئي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق توك چىقىرىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.
ئېلىمىزدىكى تۇنجى تەبىئىي گازنى خام ئەشيا قىلغان بوتاندىئول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل بوتاندىئول — ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، پاكىزە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ يىل مايدا 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي لاياقەتلىك بوتاندىئول مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، شىنجاڭدا تەبىئىي گازنى خام ئەشيا قىلغان ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش خىمىيە سانائىتى كەسپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى ھەمدە ئېلىمىز بويىچە تۇنجى تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان بوتاندىئول مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىغا ئايلاندى.
جەمئىي 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان، شەندوڭ لۇنېڭ گۇرۇھى بىلەن كورلا تاشدەن ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان تاشدەن ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 4 – قارارلىق قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى 3 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تاشدەن ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈر ئاپتونوم رايون پىلانلىغان جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنى تورلاشتۇرىدىغان غول ئېلېكتر مەنبە نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
نۇر بەكرى ئۇل سېلىش ۋە تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلانغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرۈشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە قۇرۇلۇشچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى— ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ۋە چوڭ كارخانا، گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىلجىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.›› ئۇ، يەرلىك ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەزگىلىدە، يەنە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ يىلىغا 450 مىڭ توننا بىرىكمە ئاممىياك، 800 مىڭ توننا ئورىئا ئىشلەپچىقىرىدىغان تارىم چوڭ خىمىيىۋى ئوغۇت تۈرى ۋە فۇلىدا تالا شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا پەرىقلىق ۋىسكوزنا تالا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. 2006 – يىلى 19 – ئاۋغۇست ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر تارىم چوڭ خىمىيىۋى ئوغۇت تۈرىگە ئۇل سالغان ئىدى، ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ، بۇ تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىۋاستە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. قۇرۇلۇشچىلارنىڭ كۈرەش قىلىشى بىلەن، نۆۋەتتە لايىھىلەش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش خىزمەتلىرى تاماملاندى. جەمئىي 2 مىليارد 110 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %72 ئىشلىتىلدى. قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، سۈپەت، باشقۇرۇش، مەبلەغ كونترول قىلىش قاتارلىق تۆت چوڭ كونترول قىلىش نىشانى ياخشى كونترول قىلىنماقتا. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2009 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى لاياقەتلىك ئورىيا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 2008 – يىلى ئىيۇلدا ‹‹تارىم نېفىتىلىكى نېفىت – خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەتقىقات دوكلاتى›› جۇڭگو نېفىت پاي شىركىتىنىڭ رەسمىي تەستىقىنى ئۆتۈپ، نۆۋەتتە لايىھىلەش ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى، بۇ يىل نويابردىن بۇرۇن ئومۇمىي لايىھىنى تاماملاش، 2009 – يىلى ئىيۇلدا قۇرۇلۇش باشلاپ، 2010 – يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ، 2011 – يىلى 15 – ماي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. ۋاڭ لېچۈەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولدى ھەمدە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، نېفىت، تەبىئي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يەنىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ يۇقارقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
|