باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتايلى
2008- 10- 07 11:37 شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاڭ لېچۈەن مۇھىم سۆز قىلدى، ليۇ جياڭ يېتەكچىلىك قىلىش ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     ئاپتونوم رايون 6 – ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش›› تېمىسىدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇنجى تۈركۈمدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە سىنىپىدا دەرس باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيىۋى، سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

     مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش – تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 5 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 5 – گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لۇڭجى يىغىنغا قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايون ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە؛ پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيىمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا؛ خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنى ئەتراپلىق توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق كونكرېت ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن  پارتىيىلىك كادىرلارنى تەربىيىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

     ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىياتقا ماسلاشمايدىغان، ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيىۋى قاراشلارنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ئىشلار بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئاساسلىق تەلىپى. ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، ئادەملەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاساسىي تېما. شىنجاڭدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئىلمىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى. شۇڭا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى بىلەن مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. قاخشاتقۇچ زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن  – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە قايتا تەربىيىلەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى ھەم سىياسىي ئېڭىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى تۈركۈمدە ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە قايتا تەربىيىلەشنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا  ماسلاشتۇرۇپ، تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە باش قاتۇرۇشى كېرەك. ماھىيەتتىن تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان سىياسىي ئاساس، تەشكىلىي ئاساس، ئىدىيىۋى ئاساس بىلەن ئاممىۋى ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلاش، تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار قوشۇنىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. 

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك ئەھمىيە بېرىپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ھەم ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىنى ئاقساتماسلىق، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

    ليۇ جياڭ مەركەزنىڭ پۈتكۈل پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئاساسىي روھىنى يەتكۈزدى، مەركىزىي يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەكلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈنجى تۈركۈمدىكى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى؛ تۈنجى تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان تارماقلار، ئىدارىلەرنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكوملار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى؛ ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، ۋە تەشكىلات باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ