|
يېقىندا، جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 75 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان چىرىمەس پولات تۇرۇبا ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستانغا توشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ پىلاندىكى تۇرۇبا بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسى تولۇق ئورۇندالدى.
جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، جۇڭگو – قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ داۋامى. تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2010 – يىلى پۈتىدىكەن.
|