|
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن ، ئاماننىسا تاھىرلار خەۋىرى، فوتوسى : 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 دە ، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئامما جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەردىن بولۇپ ، مىڭدىن ئارتۇق كادىر ، ئامما بۇ كۈندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى زېڭ سۈن سۆز قىلىدى.
 سۈرەتتە: بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرنۈش
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلمۇراتجان ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭسار ناھىيىسى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئەلا نەسىللىك چارۋا بېقىشقا پائال يېتەكلەپ ، چارۋىچىلىق كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ‹‹تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ›› كە ئايلاندۇردى.
 5–ئۆكتەبىر، دېھقانلار ناھىيىنىڭ چارۋا–مال بازىرىدا قوي سودىسى قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلمۇراتجان ئەنۋەر خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يېڭسار ناھىيىسىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىستېمال سەۋىيسىنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي قىممىتى بارغانسېرى ئاشتى. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن، شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ئېشىپ ، يېڭسار ناھىيىسىدىكى بازارلارنىڭ كۆلىمى ۋە بازار ئېھتىياجى سىجىل زورىيىپ ، بازاردا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى . ئىشچى–خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ ئۆسۈشى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىشى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ تەرەققىي قىلدى شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

يېڭسار ناھىيىسىدىكى كىشىلەر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتۋالماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەمەت ئابلىز خەۋىرى. فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يېزا ئىگىلىك 3– شىسنىڭ پەيزىۋات باش مەيدانى يېڭىچە تۈەن مەيدان بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ ، تۈەن مەركىزىدىن لىيەندۈيلەرگە تۇتىشىدىغان تاشيوللاردا قاتنايدىغان مەخسۇس ماشىنىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىخەتەر، نورمال يول يۈرۈش شارائىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، تاش يول بويىغا كىچىك بېكەت ، يول كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى، قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە تاختىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىپ ، قاتناشنىڭ بىخەتەر ، راۋان بولۇشىغا ھەققىي كاپالەتلىك قىلدى.

سۈرەتتە : قاتناش ۋاستىلىرى نورمال يول يۈرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇراخۇن ئىبراھىم ، مىجىت مۇھەممەد خەۋىرى ، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، دۆلەت بايرىمى، روزا ھېيىت ۋە ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدىكى مەملىكەت ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شان–شەرەپكە ئېرىشكەن داۋۇت ھاشىم ، ئابلىز نۇرەك ۋە تىللاخان قاتارلىق ئىلغار ، نەمۇنىچى شەخسلەردىن 500 يۈەندىن نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن ھال سوردى.

27–سېنتەبر، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كاڭ شىچى (ئوڭدىكى) سېرىقبۇيا بازىرى يېڭئاۋات كەنتىدىكى مەملىكەتلىك خەيىر–ساخاۋەتچى شەرپىگە نائىل بولغان ، ‹‹شىنجاڭلىقلارنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس›› ، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى ئىلغا شەخس›› ئابلىز نۇرەك ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ قىزى ئايبۇلاققا ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى .
|