باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن مېيىپلەر ئو ت م گە قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى
2008- 10- 01 12:33 شىنجاڭ گېزىتى

   30 – سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، فۇ چياڭ، لى يى، بەي جىجيې، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   ئەمدىلا ئاياغلاشقان بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان تۆت تەنھەرىكەتچى يېنىك ئاتلېتىكا، ئوقيا ئېتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنىڭ 12 كىچىك تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىش، بىر تۈردە 4 – ، بىر تۈردە 5 – بولۇشتەك ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. قارامايلىق چىڭ سۇپىڭ F57-58 دەرىجىلىكلەر بويىچە ئاياللارنىڭ نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئۈرۈمچىلىك جېڭ ۋېيخەي F57 دەرىجىلىكلەر بويىچە ئەرلەرنىڭ دېسكا ئېتىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مېيىپلەر ئو ت م غا قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ترېنېرلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ياخشى نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ شىنجاڭ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مېيىپلەر ئو ت م نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، 2012 – يىلىدىكى لوندون مېيىپلەر ئو ت م دا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىغا ئىلھام بەردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ