باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىنغان ئىتتىپاقلىق گۈلى
2008- 10- 01 12:17 شىنجاڭ گېزىتى

–––خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يالقۇن ئابدۇرېھىم توغرىسىدا

    ‹‹يالقۇن ئابدۇرېھىم بايرىقى روشەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ھىمايە قىلىدىغان كىشى››، دەپ باھا بەردى يالقۇن ئابدۇرېھىمنىڭ خىزمەتدىشى لو چىبەي.

   50 ياشلىق يالقۇن ئابدۇرېھىم ئىلگىرى خوتەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قاراقاش ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ  شۇجىسى بولغان، ئۇ 2005 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىلىققا تەيىنلەندى. ئۇ مەيلى ئاساسىي قاتلامدا بولسۇن، مەيلى ئورگاندا بولسۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى 1 – ئورۇنغا قويدى.

   ئۇ قايسى ئىدارىگە بارسا ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، كادىرلار ۋە  ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز –  ھەرىكەتلەردە بولماسلىقنى، ئىدارىدىكى ھەر بىر خادىمدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىش، ئىناق خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان، مىللىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋە ئىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدى.

   ‹‹قانلىق كۈرەش سىنىقىغا دۇچ كەلگەندە، كومپارتىيە ئەزالىرى ئارقىغا چېكىنمەستىن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك››، دېدى يالقۇن ئابدۇرېھىم، ئۇ دېگىنىنى ئەمەلىيىتىدىمۇ كۆرسەتتى.

   يالقۇن ئابدۇرېھىم قاراقاش ناھىيىسىدىكى چاغلىرىدا بىر تەرەپ قىلغان بىر قانچە دېلودا ھەم قوماندان، ھەم جەڭچى بولدى، ئۇ 1 – سەپتە كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى.

   يالقۇن ئابدۇرېھىم 2005 – يىل 12 – ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يۆتكەلدى. ئۇ خىزمەتداشلىرىغا دائىم: ‹‹ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەشۋىقات ئورنى، پارتىيىنىڭ مەدەنىيەت، تەشۋىقات بازىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىسەك، باشقىلارغا تەشۋىقات  – تەربىيە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەيمىز؟›› دېدى. ئۇ مەيلى ئىدارە – ئورگاندا بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلسۇن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويدى. ھەر خىل سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. رادىئو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشنى، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشنى ھەم مۇشۇ ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

   يالقۇن ئابدۇرېھىم ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا  تەربىيە بەرگەندە، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى ھەم  سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق يېنىدىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلققە پۇل ئىئانە قىلىنغاندا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئالاھىدە پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇردى. يىل بېشىدىكى قار – مۇز ئاپىتىدە ئۇ بىرىنچى بولۇپ پۇل ئىئانە قىلدى شۇنداقلا ھەممىدىن كۆپ ئىئانە قىلدى.

   يالقۇن ئابدۇرېھىم رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندە، جېجياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىر جاڭ يىلى ئىدارە باشلىقى ئىدى، ئۈچ يىلدىن بېرى ئىككىيلەن جاپادىمۇ – ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خىزمەتلەرنى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ياخشى ئىشلىدى. ئۇلار 2006 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ كەنتلەرگە رادىئو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش پونكىتىدىن89نى، رادىئو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن 19نى تەسىس قىلىش قۇرۇلۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ئۈسكۈنىلىرىنى ‹‹1+1››دىن ‹‹3+2››گە ئۆزگەرتتى ھەم 160 مەمۇرىي كەنت، 610 تەبىئىي كەنتتىكى 30 مىڭ 578 ئائىلىلىك، 131 مىڭ 629كىشىنىڭ رادىئو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

   2007 – يىلى يېڭى نۆۋەتلىك ‹‹ھەممە كەنتكە رادىئو – تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىدا يالقۇن ئابدۇرېھىم جاڭ يىلى بىلەن نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنى ئايلىنىپ، ئاپتونۇم رايوننىڭ 12مىڭ 606 بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قوبۇللىغۇچ نۇقتىسىنى تەكشۈرۈش يىرىك پىلانىنى تاماملىدى. ئۇلار بېيجىڭ، جېجياڭ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ مەبلەغ، تۈر، ئۈسكۈنىلەرنى ھەل قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى.

   يالقۇن ئابدۇرېھىم ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدىن چىققان رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن خەنزۇ كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن ئاسراپ، تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلدى، خىزمەتتە ئۇلارغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېرىپ ئىشلەتتى. ھەر يىلى چاغاندا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى باشلاپ خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئۆيىنى يوقلىدى، ئۇ يەنە ھەر يىلى روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتا خەنزۇ يولداشلارنى ئۆيىگە چاقىردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان يالقۇن ئابدۇرېھىم سەمىمىي – سادىقلىقى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى ئامما قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ