باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى
2008- 10- 01 12:12 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدا تەسىس قىلىندى.

   ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، بوۋاقلار، بالىلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جايلار، تارماقلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، ھازىر باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومومىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاغرىغان بوۋاقلار، بالىلارنى تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۈزۈل – كېسىل تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، بۇ ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار كارخانا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ