|
دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 27 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا قارىتىلغان مۇھىت ئاسراش سىياسىتى، پەن – تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، مۇھىت ئاسراش ئاساسىي ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئومۇمىي سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ جيەن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پىلانلاش، تاشيول، تۆمۈريول، ئايروپورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش خىزمىتىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ سۇ ھەۋزىسى، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە ئىقتىدارى بويىچە رايونغا ئايرىپ، ياخشىلاپ تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلمىي، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنى كېلىشىم بويىچە يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە تۈرلۈك يۈرۈشلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
جۇ جيەن مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى قوللايدۇ؛ شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش سىستېمىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
|