باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى ئاياغلاشتى
2008- 10- 01 11:46 شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى 28 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاياغلاشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹كەسپ – تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى››قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى – تەربىيىسى نىزامى››تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ، بىر قىسىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرى ماقۇللاندى.

   ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش  پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى لازىم. دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئورگاندىكى پارتىيىلىك كادىرلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئورگان خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى لازىم. ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش  پائالىيىتى ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ماسلاشمايدىغان ۋە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىدىيە – كۆز قاراشنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش لازىم.

   ئەركىن ئىمىرباقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايون ئاچقان كادىرلار يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشى لازىم. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇناسىپ قارار چىقىرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، دۇ چىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مۇھەممەدئىمىن ياسىن، ما مىڭچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىملار يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گۇڭشىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ