|
يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى بۈگۈن يىغىن ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 9 – ئۆكتەبىردىن 12 – ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە چوڭ مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› نىڭ ئورىگىنالى ھەققىدە پارتىيە ئىچى – سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرلەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ھۆججەتنى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: مۇشۇ قېتىملىق پىكىر ئېلىش جەريانىدا، جايلاردىكى تارماقلار، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھۆججەت ئورىگىنالىغا نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى، بۇلارنى ھۆججەتنى تۈزەتكەندە تولۇق قوبۇل قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيە ۋە ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆججەتنى ئوبدان تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى. بىز مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا غەلىبىلىك يېتىمىز، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇشنى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىر دۆلەتنى ئىدارە قىلىش – خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىكى بىرىنچى چوڭ ئىش قىلىپ، مەۋقەنى ئىچكى جەھەتتە ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسەن تەمىنلەش فاڭجېنىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەڭ كۆپ دېھقاننىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى يۈكسەلدۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر يېزىلارغا ئالاقىدار بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولى ۋە ئىجادكارلىق روھىنى تولۇق قوزغاپ، نەچچە يۈز مىليون دېھقانغا يېقىندىن تايىنىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىشىمىز؛ يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن – ئاخىر يېزا تەرەققىياتىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭشەش ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەل ئورنىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز؛ شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە ئىشچى – دېھقان، شەھەر – يېزا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى باشتىن – ئاخىر زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە قىلىپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېزدىن سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر ئارقىلىق يېزىنى يېتەكلەيدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇشىمىز، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز؛ پارتىيە يېزىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي كاپالەت قىلىپ، پارتىيىنىڭ يېزىلارغا قاراتقان ئاساسىي سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىلەن دېھقانلارنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىسلاھاتى، يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيىدە. پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا خىزمىتىنى كۈندىلىك مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنى سىياسەت تۈزۈش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى، مالىيە سېلىنمىسى، كادىرلارنى سەپلەش جەھەتلەردە پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت دەيدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى چوڭ – چوڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
|