|
27 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو، تېلېۋالدى ئابدۇرېشىت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق 14 مەكتەپنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش جەريانىدا، جىن نو، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىتلار ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈردى، يېمەكلىك سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلدى ھەمدە ھەر قايسى مەكتەپلەردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشخانا خىزمىتىنى دەرسخانا خىزمىتىگە ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ھالقىلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
|