|
دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 27 – سېنتەبر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.
ئاپتونوم رايون مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت سۈپىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، گۈڭگۈرت 4 ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ 22 دە بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى تاماملاندى ھەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يەنە بىر تۈركۈم تۈرلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› گە چۈشەندۈرۈش بەردى ھەمدە ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفىرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پىلانى›› غا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، تارماقلار›› شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى›› نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئىدىيىنى تېز بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىلار بويىچە، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، تۈرلەرنىڭ دەسلەپكى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى؛ خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش ۋە قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي گەۋدە رايونىنى ئايرىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى قوللاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋادا ۋە رايونلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.››
دۆلەت مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ جيەن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن مەمەتھەسەن توختالى، ليۇ شىنچى يىغىنغا قاتناشتى.
|