|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغان ئۆمەر خەۋىرى ، فوتوسى: 27–سېنتەبر، قورغاس ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 4–شى 64–تۈەن مەيدانى بىرلىكتە ، ناھىىيدىكى10مىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىنىڭ تۈەن مەيدانغا كېلىپ ، پاختا تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، 64–تۈەننىڭ 18–ليەنىدە ئىككىنچى قېتىملىق ‹‹قورغاس ناھىيىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشى لوڭقىسى››نى تالىشىش پاختا تېرىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . مۇسابىقىگە ناھىيىگە قاراشلىق 13يېزا ، بازار، مەيداندىن تاللىنىپ كەلگەن 40 نەپەر پاختا تېرىش ماھىرى قاتناشتى.

ماھىرلار پاختا تېرىماقتا

باھالىغۇچىلار ماھىرلار تېرىغان پاختىلارنى نەق مەيداندا جىڭلىماقتا

پاختا تېرىش ماھىرلىرى نەق مەيداندا مۇكاپاتلانماقتا
|