|

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى مۇراسىمغا قاتناشتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيسى قاتارلىق ئورۇنلار 27 – سېنتەبر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ‹‹قەد كۆتۈرۈۋاتقان تەڭرىتاغ›› تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە لېنتا كەستى.
ئىگىلىنىشچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار ئاكادېمىيسى 2006 – يىلىدىن باشلاپ گۈزەل سەنئەت مەخسۇس تېمىلىرىنى ئىجاد قىلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرنى باشلىغان بولۇپ ، ‹‹جۇش ئۇرۇۋاتقان تارىم›› ، ‹‹قەد كۆتۈرۈۋاتقان تەڭرىتاغ››، ‹‹ئاتەش ماكاندىكى بوستانلىق ››، ‹‹ئېگىزلىككە سەپەر›› قاتارلىق تۆت تېما بويىچە رايونلارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى سىستېمىلىق نامايەن قىلىپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە قويۇلغان 100 پارچىگە يېقىن ماي بوياق ئەسىرى ، جۇڭگوچە رەسىم ۋە گرافىك ئەسەرلىرىدە رېئالىزملىق رەسىم سىزىش ئۇسۇلى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ نېغىت – خىمىيە ، سۇ – ئېلېكتر ، چېگرا سودا ۋە چېگرا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەرەققىيات نەتىجلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ ، كۆرگەزمە 30 – ئۆكتەبرگىچە داۋاملىشىدىكەن .

شەھەر ئاھالىسى كۆرگەزمىدىكى رەسىملەردىن ھۇزۇرلانماقتا
|