|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن ، ئاماننىسا تاھىرلار خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيت بىرلا ۋاقىتتا كېلىپ ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ بازار رەستىلىرى مەمۇرچىلىققا تولدى. يېقىندا ، مۇخبىرلىرىمىز قەشقەردىكى ھەر قايسى تاللا بازارلىرى ، چوڭ سودا سارايلىرىدىكى كېيىم–كېچەك ، يەل–يېمىش ، تۈرلۈك پىچىنە –پىرەنىك ، ساڭزا قاتارلىق تاتلىق تۈرۈم بازارلىرىنىڭ ئادەتتىكىدىن تاشقىرى جانلىنىپ ، سودىسىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىىنى كۆردى. قەشقەر شەھىرىدىكى ‹‹ ئارمان ›› تاللا بازىرىغا مال سېتىۋالغىلى كىرگەن شەھەر ئاھالىسى ئارزىگۈل ئېلى مۇخبىرلىرىمىزغا مۇنداق دېدى:‹‹ مەن بايرامدا ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈش ئۈچۈن ، بۇ تاللا بازىرىدىن ساڭزا ، پىچىنە–پىرەنىك قاتارلىقلارنى سېتىۋالدىم . بۇ يىل ئىككى بايرام بىر ۋاقىتتا كېلىپ ، بازارلار مەمۇرچىلىققا تولۇپتۇ ، شۇنداقلا بازارلاردىكى ماللارنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى ، تۈرلىرى تولۇق ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن››. بۇ تاللا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ئىنايىتۇللا ھىدايەت مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيت ھارپىسىدا ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، مال تۈرلىرىنى 20 مىڭ خىلغا يەتكۈزدۇق ؛ مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ، 1000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتتا پايدىنى خېرىدارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى سوغا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق ؛ ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقارغان پىچىنە–پىرەنىك ۋە تاتلىك تۈرۈملەرنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ ، سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە ، ھەر خىل يېڭى پىچىنە–پىرەنىكتىن بەش توننا ، ساڭزىدىن ئۈچ توننا تەييارلىدۇق ؛ 200 مىڭ يۈەنلىك يېڭى مال كىرگۈزۈپ ، مال تۈرىنى تولۇقلاپ ، بازارلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق››. مۇخبىرلىرىمىز يەنە قەشقەر ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا خەلقئارا بازىرىدىكى باققالارنى زىيارەت قىلىپ ، بۇ يىلقى قۇرۇق ۋە ھۆل يەل–يېمىش بازىرىدىمۇ مال مەنبىيىنىڭ تولۇق، باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە شەھەر ئەتىراپى يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇ بازاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۈزۈم ، شاپتۇل ، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆزلىگەن باھادا سېتىپ ، بايرام خاسىيىتى بىلەن ئوبدانلا پۇلغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. دەرۋەقە ، قەشقەر شەھىرىنىڭ بازارلىرى مول ، مەمۇرچىلىققا تولغان بولۇپ ، بازاردىن نېمە ئېلىشنى ئويلىسىڭىز شۇنى سېتىۋالالايدىكەنسىز. بۇ بىر تەرەپتىن ئىككى بايرام مەزگىلىدىكى بازارلارنىڭ ھېكمىتى، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىلايىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى، بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىكى ، ئەلۋەتتە.

كىشىلەر ‹‹ ئارمان›› تاللا بازىرىدىن مال سېتىۋالماقتا

‹‹ئارمان ›› تاللا بازىرىنىڭ خادىملىرى خېرىدارلار ئۈچۈن ساڭزا سالماقتا

ئۇششاق يەل–يېمىش بازىرىنىڭ سودىسى ياخشى بولماقتا
|