باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئەدەبىي تىلنى قوللىنىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك
2008- 09- 27 12:13 شىنجاڭ گېزىتى

     تىل – قەلبنىڭ ئاچقۇچى، ئادەمنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ئۇنىڭ تىلى ۋە تەلەپپۇزى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، تىلدىكى ئىنتۇناتسىيىگە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، كەسپى، مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە مەلۇم دەرىجىدە باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بولۇپمۇ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يەرلىك شىۋە، قوپال، يىرىك، يېقىمسىز ئاۋاز ۋە دىماغ تاۋۇشى بىلەن سۆزلىسە، ئاڭلىغۇچىدا بىر خىل يېقىمسىز سىزىم پەيدا قىلىپ، بىزار بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يەرلىك شىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرماي، ئورتاق ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشى كېرەك.

     باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغان ئەدەبىي كىتابلىرى نىسبەتەن ئاز، سىرت بىلەن ئۇچرىشىشى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تىلىدا يەرلىك شىۋىنىڭ تەسىرى ئىغىر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇلارنىڭ تىلىنى ئەدەبىي تىل تەرەپكە يېتەكلەش كېرەك.

     ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا يەرلىك تىل پۇرىقى كۈچلۈك بولىدۇ، مەىسلەن: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ‹‹ر››نى ‹‹ي›› دەپ، ‹‹ك››نى ‹‹چ›› دەپ ئوقۇيدۇ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدە ئېلىپبەدىكى نەرسىلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ، نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچى ياڭاقنى ياڭغاق، تاۋۇزنى تاگوز....دەپ ئوقۇيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەك، داۋاملىق يەرلىك تىلنى قوللىنىۋېرىدۇ. يۇقىرى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت – چەك، ماقالىلىرىنى كۆرسەك، بۇ خىل خاتالىق روشەن ئەكس ئېتىدۇ، مەسىلەن: پادىشاھنى پاشا، خىشنى قىش، مېھماننى مىمان، مېھرىباننى مىكرىبان، ئاھاڭنى ئاھاڭ دېگەنگە ئوخشاش...  بۇ خىل خاتالىقلارنى 1 – يىللىقنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسىدىن باشلاپ توسۇش، ئۇلارنى يېشى كىچىك، كېيىن بىلىپ قالىدۇ، دەپ سەل قارىماسلىق لازىم، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردا بۇ خىل تەلەپپۇز بولغان ھامان ۋاقتىدا تۈزىتىشى، تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىگىمۇ پىكىر يېزىشى، خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك.

     ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسخانىدىكى تىل سەنئىتى ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈپ، ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل، شۇڭا مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى تىل سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىلغار، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن قېلىپلاشقان تىلنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىدىكى تىل – يېزىق سەنئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل سەنئىتى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، ئۆزىدىكى بىلىمنى تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى مۇھىم ئامىل. ئوقۇتقۇچى ئەدەبىي تىل، ئۆلچەملىك يېزىق ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلار ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى تىلى ئېنىق، ئۆلچەملىك، جانلىق، تەسىرلىك، ئوبرازلىق، دوسكىغا يازغان خەتلىرى چىرايلىق، جەلپ قىلارلىق بولسا، دەرس ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان سۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمىتى ئاشىدۇ، دەرس مەزمۇنىنىڭ ئۆزلىشىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ