باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كېۋەزلىك 873 مىڭ موغا يەتتى
2008- 09- 27 12:04 شىنجاڭ گېزىتى

      ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كېۋەزنى يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. ھازىر، ۋىلايەت بويىچە بۇ تېخنىكا قوللىنىلغان كۆلەم 873 مىڭ موغا يېتىپ، ئومۇمىي كېۋەزلىكنىڭ %26 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 506 مىڭ موغا يېتىپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ، تارىخىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىندى.

      كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پاختىچىلىق رايونلىرى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ چىقىرىپ، قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددىگە بېرىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، سۇ، توك، يول، قۇدۇقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش تەدبىرىنى قوللاندى. ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، بۇ تېخنىكىنى قوللانغان پاختىكارلارغا ھەر مو كېۋەزلىك ئۈچۈن 200 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە قوشۇمچە ياردەم بەردى. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەرلىك مالىيىدىن يۈرۈشلەشتۈرۈش، دېھقانلار ئۆزى توپلاش، ئىناۋەتلىك قەرز ئېلىش، ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېلىنمىنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى يولغا قويغان تۈر رايونلىرىدا دېھقانلار سۇچىلىق جەمئىيىتى ۋە مۇلازىملىق ئەترىتى قۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. نەتىجىدە، ۋىلايەت بويىچە كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغىرىشتىن تېجەپ قىلىنغان يىللىق سۇ مىقدارى 400 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، مۇشۇ بىر تۈردىلا پاختىكارلارنىڭ چىقىمىنى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ