باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى سېلىنمىسىنى كۆپەيتتى
2008- 09- 27 12:02 شىنجاڭ گېزىتى

       قۇمۇل شەھىرى بۇ يىل شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا 660 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھازىرغىچە ئون تۈرنى تاماملىدى.

     قۇمۇل شەھىرىدە بۇ يىل تاماملانغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، ئاساسەن،  چېقىپ كۆچۈرۈش، يېشىللىقلاردا سۇ تېجەش، يول بويلىرىنى كۆكەرتىش، ھويلا – ئاراملارنى يېشىللاشتۇرۇش، ئاممىۋى مەيدانلارنى يېشىللاشتۇرۇش، ئۆسۈملۈك باغچىسى قۇرۇش، يېشىللىقلارنى رىشاتكىلاش، يورۇتۇش قاتارلىقلار  بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئۆسۈملۈك، مەنزىرە ساياھىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىرگەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا 60 مىڭ تۈپ دەل – دەرەخ تىكىلدى. 27 مىليون 780 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ