|
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، كۆنەس ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بۇلتۇر دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 4187 يۈەنگە يېتىپ، 1978 – يىلدىكىدىن 40 ھەسسە ئاشتى.
ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۆنەسنىڭ نۇقتىلىق چارۋىچىلىق ناھىيىسى ۋە ساياھەت بايلىقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. مۇشۇ ئاساستا يايلاق سۈپىتىنى ياخشىلاش، چارۋا مال نەسلىنى سەرخىللاشتۇرۇش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى بازارغا يۇزلەندۈرۈشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 366 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 599 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 30 ھەسسە ئاشتى. 2007 – يىلى چارۋا ماللارنىڭ قوتان قالدۇقى 1 مىليون 840 مىڭ تۇياققا يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 3.2 ھەسسە ئاشتى. مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى ئائىلىسى 5081 گە، نەسلى ياخشىلانغان قوي، كالا 265 مىڭ تۇياقتىن كۆپرەككە يەتتى. قاشالانغان يايلاق 4 مىليون 1821 موغا، سۇنئىي يايلاق 170 مىڭ مودىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلۈپ، يايلاق سىغىمچانلىقى بىلەن چارۋا مال نىسبىتىنى ماسلاشتۇرۇشتا ياخشىلىنىش بولدى.
ناھىيە رەھبەرلىكى ئورمانچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈشنى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ تۇتۇپ، قاقاس تاغ، ئېدىرلىقلارغا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېتىز – ئېرىق ئەتراپىنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتتى. نەتىجىدە، بەرپا قىلىنغان ئىھاتە ئورمان 74 مىڭ موغا، ئىقتىسادىي ئورمان 66 مىڭ موغا يېتىپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 45 ھەسسە ئاشتى. 1978 – يىلى ناھىيە بويىچە ئورمانچىلىق كىرىمى 510 مىڭ يۈەن ئىدى، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 45 مىليون 970 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ناھىيىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى. نارات مەنزىرە ساياھەت رايونى مەملىكەت بويىچە ‹‹AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت رايونى››، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئالتە چوڭ ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭ بىلەن كۆنەسكە ھەر يىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كېلىدىغان ساياھەتچى 300 مىڭ (قېتىم)دىن ئاشتى. ھازىر ساياھەتچىلىك بۇ ناھىيىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى ‹‹يارقىن نۇقتا››غا ئايلاندى.
|