|
قۇمۇل شەھىرىنىڭ ‹‹ۋەتەن قۇرۇش›› شىمالىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ئەپەندى يېقىندا بىر ياشلىق بالىسىنى ‹‹قىزىليۇلتۇز›› دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ سۈيدۈك يولىدا ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى ئۇققاندىن كېيىن، خاتىرجەم بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنى دوختۇرخانىغا ئاپېرىپ تەكشۈرتكەن. ‹‹قىزىليۇلتۇز›› دوختۇرخانىسى بىر نەچچە كۈندە چاتىقى بار‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلغان بوۋاقتىن 20 نەچچىنى قوبۇل قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككى بوۋاقنىڭ سۈيدۈك يولىدا كىچىككىنە تاش بارلىقى بايقالدى.
قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى سەھىيە تارماقلىرى مەسلە بار ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلغان بالىلارنى تەكشۈرۈش، داۋالاشنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇردى. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارلارنى تەكشۈرۈپ، 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە 404 قۇتا، جەمئىي 2464 كىلوگرام چاتىقى بار‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكى يىغىۋالدى. شەھەر ئاھالىلىرى سېتىۋالغان 79 خالتا، 18 قۇتا ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى قايتۇردى.
|