باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئاۋاتلىقلار شەھەر قۇرۇلۇشىدا‹‹ئۆلۈك بۇلۇڭ››لارنى تۈگىتىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ياراتتى
2008- 09- 27 11:50 شىنجاڭ گېزىتى

      تار كوچىدا يول چىرىغى بارمۇ؟ يامغۇر ياغقان، قار ئېرىگەندە  يوللار پاتقاقلىشىپ كېتەمدۇ؟ قىشتا  ئولتۇراق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىمۇ؟ بۇ پۇقرالار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. يېقىندا مەن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش تارماقلىرىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹ئۆلۈك بۇلۇڭ›› دەپ ئاتىلىدىغان جايلارنى ئارىلاپ، بۇ سوئاللارغا  جاۋاب تاپتىم.

     بۇ ناھىيىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مەبلەغ قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ رايونلاردىكى كوچىلارغا يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنمىگەنلىكى، يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلمىغانلىقى، ئولتۇراق رايونىدىكى پار بىلەن ئىسسىتىلىدىغان بىنا ئۆيلەر ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان بازارلاردىكى ئىجارىگە بېرىلگەن دۇكانلارنىڭ قىشتا  ئىسسىماسلىقى ئاھالىلەر غۇلغۇلا قىلىدىغان مەسىلە ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ‹‹ئۆلۈك بۇلۇڭ››لارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھىيە بازىرى بىلەن يېزا تۇتىشىدىغان توققۇز كوچىغا يول چىرىغى ۋە يول بەلگىسى ئورناتتى. ئالتە كوچىنى ئاسفالتلاشتۇردى. مەھەللىلەردىكى يەتتە كوچا قاتتىقلاشتۇرۇلدى. يېقىندا ناھىيە يەنە 4 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ توپلاپ، ناھىيىلىك ‹‹قۇياش نۇرى ئىسسىقلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى››نىڭ ئون توننىلىق پار قازىنىنى 20 توننىلىققا ئۆزگەرتتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ