|
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى 26 – سېنتەبر ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزلەڭلىكلەردىكى تەبئىي ئورمانلارنى قوغداش نىزامى(لايىھە)›› گە قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 106 مىليون مو ئورمانلىق ئىچىدە، تۈزلەڭلىكلەردىكى تەبئىي ئورمانلار ئومۇمىي ئورمان كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىقى قاقاس قۇملۇقلارغا، دەريا ۋادىلىرىغا، بوستانلىقلارغا تارالغان بولۇپ، ئېكىلوگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. تۈزلەڭلىكلەردىكى تەبىئىي ئورمانلار بولسا قۇرغاقچىلىق، قۇم بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى توسىدىغان، بوستانلىقلارنى قوغدايدىغان تەبىئي توساق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى، ئورمانلارنى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىش، چارۋا مال بېقىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمانلىرى ئاستا – ئاستا ۋەيران بولماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات مەخمۇت مۇنداق دېدى: ئىستاستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىن 80 – يىللىرىنىڭ بېشىغىچە، تارىم ئويمانلىقىدىكى توغراقلىق كۆلىمى %46 ئازايغان؛ جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى سۆكسۆكنى ئاساس قىلغان چاتقاللىق كۆلىمى %67 ئازايغان؛ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئورمانلىق كۆلىمى %55 ئازايغان. ئىنسانلار پائالىيىتى تەسىرىدىن تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمانلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، يەرلىك قانۇن – نىرام تۈزۈپ، تۈزلەڭلىكلەردىكى تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزلەڭلىكلەردىكى تەبئىي ئورمانلارنى قوغداش نىزامى(لايىھە)›› دە، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە تۈزۈلگەن. نىجات مەخمۇت يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹دائىر ئىچىگە ئېلىپ ئورمان بەرپا قىلىش بولسا تەبئىي ئورمانلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. تۈلەڭلىكتىكى تەبئىي ئورمانلارنىڭ تەبىئىي ھالدا ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر قىسىم ئورمان رايونلىرىدا ئىنسانلار پائالىيىتىنى بىر مەزگىل ئازايتىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، مەبلەغ ئاز كېتىش بىلەن بىرگە ئۈنۈمىمۇ تېز بولىدۇ. ‹‹نىزام›› دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ناھىيە دەرىجىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزلەڭلىكتىكى تەبئىي ئورمانلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پىلانلىق ھالدا دائىرە ئىچىگە ئېلىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. دائىرە ئىچىگە ئېلىپ ئورمان بەرپا قىلىشتا ئورمان دائىرىسنى بەلگىلەش، ئورمان بەرپا قىلىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دائىرىنى ئۆزگەرتىش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش قىلمىشلىرى، شۇنداقلا تۈلەڭلىك تەبئىي ئورمانلىقى ئىچىدە ئورماننى بۇزۇپ بوز يەر ئېچىش قىلمىشلىرىغا قارىتا مۇۋاپىق مەمۇرىي جازا بېرىش دەپ بېكىتىلدى.››
|