|

‹‹UEFA ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسى››نىڭ بەلگىسى
يېقىندا ، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتى10/2009 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ، ئەسلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى لوڭقىسىنى ‹‹UEFA ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسى››گە ئۆزگەرتىش لايىھىسىگە قوشۇلدى. ئىگىلىنىشچە ، مۇسابىقە نامى ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ مۇسابىقە تۈزۈمى، ئىقتىسادىي ئەندىزىسى قاتارلىقلاردىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىملىق ئىسلاھات ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى يېڭىچە تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرىدىكەن.
|