|
ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇقادىر نەسىردىن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 21 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك 1 – ، 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارغا باردى. ئۇ مەكتەپلەرنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوقۇم پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنى بويىچە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىش كېرەك. ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر مېھرىبانلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، كەلگۈسىدە مائارىپقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، سىلەر تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياخشى بىلىم ئىگىلەپ، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك››.
ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىدىكى جۈمە داموللا ھاجى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى يوقلىغاندا، ئۇلارنىڭ قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيىتتى، ئۇلارنى ۋەتەننى، مائارىپنى سۆيۈپ، كۆپرەك پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئىسمايىل تىلىۋالدى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولۇپ، خاس رايون ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد ۋە ساياھەت ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىش شارائىتى يارىتىشى كېرەك. ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئالاقىدار قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى، ئەمما ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىز، قىلچە بوشاشماسلىقىمىز كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەيدىغان ئىدىيىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، تۈرلۈك مۇقىملىق خىزمىتى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيىۋى قاراش، ئاممىنى تەربىيىلەش، دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، مۇداپىئە تەدبىرلىرى، زەربە بېرىش سالمىقى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پارتىيىلىك كادىرلار بۇنى غەنىيمەت پۇرسەت بىلىپ، كاللىسىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
|