|
26 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، تايلاند ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناتايا.چېتچوتىروس خانىم ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى، تايلاند ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى خې يۈن خانىم مەسلىھەتچىلىكىدىكى تايلاند ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا زىيارەتتە بولدى.
شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى قۇربان ياسىن مېھمانلارغا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە گېزىت چىقىرىش مەقسىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ گېزىتى باشتىن ئاخىر ‹‹بىر پارتىيە گېزىتىنى تۆت خىل يېزىقتا چىقىرىش،بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەممىسىدە ئالاھىدىلىك بولۇش››تىن ئىبارەت گېزىت چىقىرىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆت خىل يېزىقتىكى گېزىتنى ياخشى چىقارغاندىن سىرت يەنە ‹‹شىنجاڭ شەھەر گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››، ‹‹زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى›› قاتارلىق بالا گېزىت ۋە زورناللارنى نەشر قىلدى، شىنجاڭ گېزىتى تور پونكىتىنى تەسىس قىلدى. شىنجاڭ گېزىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن – ئاخىر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن، مۇشتەرىلەر ئۈچۈن مۇلازىملىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى،ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتى گېزىت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تراژنى تىرىشىپ كۆپەيتتى، 2007 – يىلى تراژى %4، بۇ يىل %3 ئاشتى. تايلاند ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناتايا. چېتچوتىروس خانىم تايلاند ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|