|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن چىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيەدىن 27 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىنىڭ 2400 ئوقۇتقۇچىسى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىگە ياردەم پۇلى بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 2004 – يىلى يېزا – قىشلاق رايونلىرى ۋە چەت، يىراق، نامرات رايونلاردىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئاساسىي مائارىپتىن ياخشى بەھرىمەن قىلىش شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىش مەقسىتىدە رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى تەسىس قىلىنغان.
چۈن چى مۇنداق دېدى: رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشى كىچىكرەك بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئوقۇتۇش ياكى تۇرمۇش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا باشقا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىغاندا كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ قېتىم ئۇلارغا ياردەم پۇلى بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە جاۋاب قايتۇرغانلىق، ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66 – ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىق سىنىپىنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يۈ رۈيشياڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ: ‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزدەك 1 – سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت،›› دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، كۈيتۈڭ، سانجى، ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق سەككىز شەھەردە رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىدىن 17 نى تەسىس قىلغان، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 15 مىڭدىن ئاشقان.
|