|
ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 23 – سېنتەبىر قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم سىياسى – قانۇن تارمىقىنىڭ رەھبەرلىرى مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن ساھەسىدىكىلەر مۇھىم مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن ساھەسىدىكىلەر بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ 1 – سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، فۇنكسىيىلىك رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى تىرىشىپ قانۇن تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك››.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو يۇڭخۈي مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن ساھەسىدىكىلەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى قورال قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمەت روزى ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنشۇناسلىق ۋە قانۇن ساھەسىدىكىلەردىن ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قانۇننىڭ ئابرۇيى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
|