|
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى 25 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بو شياۋنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسىپ تېخنىكا خادىملىرىنى داۋاملىق تەربىيىلەش نىزامى (لايىھە) ››نى قاراپ چىققانلىق نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىچكى ئىشلار – ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن ۋېينىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش بەلگىلىمىسى (لايىھە) ›› ھەققىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات مەھمۇدنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىك تەبىئىي ئورمىنىنى قوغداش نىزامى (لايىھە) ›› ھەققىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات سۇلتاننىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول ترانسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە) ››توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ چىنرۈينىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاتېنت قوغداش نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىننىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى نىزامى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ توختام نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇھەممەد ئوسماننىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، قالدۇرۇش ئىشلىرى ماقۇللاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، لى جى، مۇھەممەدئىمىن ياسىن، ما مىڭچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گۇڭشىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن، يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنشىننىڭ ‹‹ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغدايلى›› دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىسى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
|