باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
2008- 09- 26 16:47 تەڭرىتاغ تورى

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى ئەمەت خەۋىرى ، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پەيزىۋات ناھىيىسى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، ناھىيە ، يېزا ، كەنت بىر گەۋدىلەشكەن داۋالاش ، ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، 135 مەمۇرىي كەنتتە داۋالاش پونكىتى قۇرۇپ، كەڭ ئاممىغا ياخشى داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. نۆۋەتتە ، ناھىيە بويىچە يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان دېھقان–چارۋىچى 287 مىڭ 900 گە يېتىپ ، ئومۇمىي يېزا نوپۇسىنىڭ %97 ىنى  ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

 شاپتۇل يېزا باي ئېرىق 6–كەنتىدىكى داۋالاش پونكىتىدىن كۆرۈنۈش

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سابىرجان سىيىت خەۋىرى ، فوتوسى: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى دۆلەت بايرىمى ۋە ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە–ئورگان ۋە مەكتەپلەرنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى . 25–سېتنەبردىن 26–سېنتەبرگىچە ، ناھىيىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار نۇتۇق سۆزلەش ، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ، ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش قاتارلىق 15مەيدان پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ، دۆلەت بايرىمى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. 

 ناھىيىلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات–سەنئەت پائاليىتىدىن كۆرۈنۈش

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى ئەمەت خەۋرى ، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، پەيزىۋات ناھىيىسى ئاساسى قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەشنى بىر تۈرلۈك‹‹ئەل رايى قۇرۇلۇشى››سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ، 13 يېزا ، بازار ، 147 مەمۇرىي كەنتتە ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن مەدەنىيەت پونكىتى ۋە مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇپ چىقىپ ، بۇ ئورۇنلارغا قويۇلغان سىياسەت ، قانۇن، قوش تىل ، يېزا ئىگىلىكى ۋە پەن–تېخنىكىغا ئائىت ھەر تۈرلۈك كىتابلارنىڭ سانىنى 320 مىڭ دىن ئاشۇرۇپ ، ھەر بىر دېھقان–چارۋىچىغا بىر پارچىدىن كىتاب توغرا كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شاپتۇل يېزا باي ئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلار كەنت مەدەنىيەت ئۆيىدە كىتاب–‍‍ژۇرنال، گېزىت كۆرمەكتە

      * ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن ، دىلمۇراتجان ئەنۋەرلەر خەۋرى ، فوتوسى: 26–سېنتەبر، يېڭىسار ناھىيىسى خەلق مەيدانىدا ‹‹ شەرەپ نومۇسنى بىلىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش ، مۇقىملىقنى قوغداش››ئاساسي مەزمۇن قىلىنغان ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى كېچىلىكنى 1000 دىن ئارتۇق ھەرساھە ئاممىسى كۆردى. 

 ئەدەبىي–سەنئەت كېچىلىكىدىن بىر كۆرۈنۈش

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت مۇھەممەت خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا ، يېزا ئىگىلىك 3–شىسى 51–تۈەن مەيدانى پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىكىلەرنى تەشكىللەپ ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ ، تۇنجى قېتىم مۇكاپاتلاشنى بېكىتكەن 57 ئائىلىگە 34200 يۈەن‹‹پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ، يۆلەش مەبلىغى››نى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ‹‹كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى››مەزگىلىدىكى ئەمەلىي قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ ، ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

 تۈەن–مەيدان پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ‹‹مۇكاپات مەبلىغى››نى پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەنلەرنىڭ قولىغا تارقىتىپ بەرمەكتە

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغان ئۆمەر خەۋىرى ، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك 4–شىسىنىڭ تۈەن مەيدانلىرى نەسىللىك ئىنەك باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتقانلىقتىن ، يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ قوتانلاشتۇرۇپ بېقىۋاتقان ، نەسلى ياخشىلانغان ئىنەكلىرى 128مىڭ 300تۇياقتىن ئاشتى.

64–تۈەن مەيدانىنىڭ 2–ليەنىدە قوتانلاشتۇرۇپ بېقىلىۋاتقان، نەسلى ياخشىلانغان ئىنەكلەر

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ