|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن ، ئابدۇۋايىت سادىقلار خەۋىرى، فوتوسى : يېڭسار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكىلەر دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيتنىڭ ئالدى - كەينىدە ، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يېقىندا ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق كوچا ئېغىزلىرىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن›› نى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى كادىر - ساقچىلار ھەرمىللەت ئاممىسى ۋە شوپۇرلارغا يول يۈرگەندە يول قاتناش بەلگىللىرىگە رىئايە قىلىش ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ، ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىپ ماڭماسلىق ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان 1500 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتى ؛ 1000 دىن ئارتۇق كىشىگە ئېچىنىشلىق قاتناش ۋەقەلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەشۋىقات دوسكىللىرىنى بىرمۇ - بىر چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارغا ئىبرەت قىلىپ ، ھەرساھە ئاممىسىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

1- سۈرەتتە: كادىر - ساقچىلار ئاممىغا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتماقتا

كادىر ساقچىلار ئاممىغا ئېچىنىشلىق قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆرسۈتۈپ ، ئىبرەت تەربىيسى ئېلىپ بارماقتا
|