باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
2008- 09- 26 16:34 تەڭرىتاغ تورى

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سابىرجان سىيىت خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېزا ، كەنتلەرنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاپ ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، بۇ يىل ، يىل بېشىدىن 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 208 كەنتتە داۋالاش پونكىتى قۇرۇپ ، داۋالاش ئۆيى ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ، داۋالاش خادىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاشنى يۈرۈشلەشتۈردى.

 بارىن يېزا بارىن 3–كەنتتىكى داۋالاش پونكىتىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار

       * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل ، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردىكى ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى ئىش ئورنىدىن قالغان، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 4600 ئادەمگە 93 مىليون 689 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز ۋە قەرىز پۇل تارقىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئوبلاسقا بىۋاستە قاراشلىق جايلاردا ، تۈرلۈك كەسپلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار 82 مىڭ كىشىگە يەتتى.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئۇچئون خۇيزۇ مىللىي يېزىسىدىكى يېمەكلىك كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ