باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
بەشتۈگمەنلىكلەرنىڭ سۇ تېجەش تەدبىرى جايىدا بولدى
2008- 09- 26 16:12 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان كۆلەمنى 20 مىڭ مودىن ئاشۇرۇپ، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

     بەشتۈگمەن يېزىسىدا ئېرىق – ئۆستەڭ كۆپ، سۇ بايلىقى مول. ئەمما ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلچەمسىز بولغاچقا، سۇنىڭ سىڭىپ كېتىشى ئېغىرراق ئىدى. يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 115 مىڭ مو ئېتىز ۋە باغنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇردىن بۇيان ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۈچ ئورۇندا سۇ تېجەپ سۇغىرىلىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇردى. 68 كىلومېتىر ئۆستەڭنى تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈر قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشتا بۇ يىل ئەتىيازدا ئىش باشلىدى. قۇرۇلۇش جەريانىدا 1500 مو يەرنى رەتلەپ، تۆت كىلومېتىر ئۆستەڭنىڭ لاي – لاتقىلىرىنى چىقاردى. مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاڭ پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 12 كىلومېتىر قىسمى 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىدا پۈتكەن، بۇ قۇرۇلۇش قالغان قىسمى پۈتسە ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى كۇب مېتىر سۇ تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ