باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
داۋۇت يانتاق ئاقئۆيدىن ئاق يول تاپتى
2008- 09- 26 16:11 شىنجاڭ گېزىتى

       ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىنىڭ چىكە كەنتىدىكى دېھقان داۋۇت يانتاق ئەقىل پاراسىتى، ئىرادىسى بىلەن بېيىش يولىنى ئېچىۋاتقان تىرىشچان دېھقانلىرىمىزنىڭ بىرى.

     داۋۇت يانتاق ئائىلىسى ئىلگىرى نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىدى. 1994 – يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئاتا كەسپى ئاقئۆيچىلىك (كىگىز ئۆيلەرنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىرىنى ياسايدىغان ھۈنەر) بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدى.  كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىدىن ئاقئۆيچىلىك ھۈنىرىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغان داۋۇت يانتاق بۇ ھۈنەرنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇ ياسىغان ئاقئۆيلەرنى بارا – بارا ئاقتۇ، تاشقورغان ناھىيىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قىرغىز، تاجىك چارۋىچىلار تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ نامىمۇ چارۋىچىلار ئارىسىغا كەڭ تارقالدى. چارۋىچىلار ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئاقئۆي زاكاز قىلىدىغان بولدى. ئۇ مەھەللىسىدىكى ئون نەچچە ياشنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، ھۈنەر ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. يېزا، كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنى قوللاپ، ياغاچ، يەر، توك ئىشلىتىش جەھەتتە ئېتىبار بەردى. داۋۇت يانتاق بۇ جەرياندا يەنە شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۆزى ياسىغان بىر قىسىم ئاقئۆيلەرنى ئالتاي، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق جايلارنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئاپىرىپ ساتتى. 2004 – يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزى ياسىغان ئاقئۆيلەرنى سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كەنتتىكى باشقا ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان ئاقئۆيلەرنى سېتىۋېلىپ، شىمالىي شىنجاڭغا ئاپىرىپ سېتىپ، كىرىم يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. ھازىر، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئاقئۆي ياساشنى ئۆگىنىۋاتقان ياشلار 30 دىن، ئۇنىڭ بۇ كەسىپتىن قىلغان يىللىق ساپ كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئائىلىسى يېزا تەۋەسىدىكى بېيىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە بازار ئېچىشى بىلەن، كەنتتە ئاقئۆي ياساش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئائىلە 16 گە يېتىپ، كەنتمۇ ‹‹ئاقئۆيچىلەر كەنتى›› دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ