باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
قارا شەھەردە391 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى
2008- 09- 26 16:01 شىنجاڭ گېزىتى

      قاراشەھەر ناھىيىسى ھەر بىر رەھبىرىي كادىر بىردىن نامرات ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكتىن، ئالدىنقى سەككىز ئايدا ناھىيە بويىچە  391  ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

     نامرات ئائىلىنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار يىل بېشىدىن باشلاپلا ھۆددىگە ئالغان نامرات ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى زىرائەتلەرنى تېرىشقا، پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ بېيىشقا يېتەكلىدى. نەتىجىدە، 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە ناھىيە بويىچە 391 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ