باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
كۇچا ناھىيىسىدە ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلاندى
2008- 09- 26 15:59 شىنجاڭ گېزىتى

     كۇچا ناھىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر  ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇردى.

       كۇچا ناھىيىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ناھىيىنىڭ ‹‹ياشانغانلار ئالاھىدە كۈتۈنۈش بەلگىلىمىسى››نى تۈزۈپ يولغا قويدى. 60 ياشتىن ئاشقان 8420 ياشانغانغا  ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ھەقسىز بەھرىمەن  قىلدى. 100 ياشتىن ئاشقانلار ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ياشانغانلارغا ھەر ئايدا 100 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى،  قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىرلارغا ھەر يىلى 400 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى  بەردى . ناھىيە يەنە يېزىلاردىكى 60 ياشتىن ئاشقانلارنى ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا، شەھەر –  بازارلاردىكى 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ %95 ىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇردى. 14 ئورۇندا ياشانغانلار قانۇن مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق  – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدى. ‹‹ ياشانغانلار قانۇنى››، ‹‹ياشانغانلار ئالاھىدە كۈتۈنۈش بەلگىمىسى›› توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ياشانغانلار خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كەيپىياتى قويۇقلاشتى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ