باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
توقسۇ ناھىيىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى
2008- 09- 26 15:58 شىنجاڭ گېزىتى

      توقسۇ ناھىيىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، سۈرئەت ۋە ئۈنۈم جەھەتتە  ياخشىلىنىش بولدى. بۇ، ناھىيىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرىنى  سان – سېپىر ۋە تەھلىل ماتېرىيالى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەپ،خىزمەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىدىن بولدى.

     يىل بېشىدا بۇ ئىدارە ناھىيە رەھبەرلىكىگە ناھىيە بويىچە باغ –  ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ، شۇنىڭدەك باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى بىلەن ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمىدىكى نامۇۋاپىقلىق، قۇرغاقچىلىق ۋە زىيانداش ھاشارات ئاپىتىگە ئۇچرايدىغان باغ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى كۆلىمى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، نامرات ئائىلە قاتارلىقلار توغرىسىدا ‹‹قۇلاققا ياقمايدىغان›› سانلىق مەلۇمات يوللىغان ئىدى. ناھىيە رەھبەرلىرى بۇ سانلىق مەلۇمات ۋە تەھلىل ماتېرىياللىرىغا جىددىي قاراپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللاندى. بۇنىڭ بىلەن كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى قىسقارتىلىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى كۆپەيتىلدى. 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 500 خادىم ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە باغ –  ئورمانچىلىق پەن –  تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەندى. باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە 101 مىليون 120 مىڭ يۈەن قەرز تارقىتىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەھەر –  يېزىلاردىكى 500 ياش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تەربىيىلەپ، سىرتقا چىقىرىشقا 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 20 مىڭ ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىلدى. 5600 كىشى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى. نەتىجىدە، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىلغان يازلىق ئاشلىق، بازارغا سېلىنغان گۆش، تۇخۇم، سۈت بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ