باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلدى
2008- 09- 26 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كېۋەزنى يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغۇرۇشنى ئاساس قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە ۋىلايەت بويىچە بۇ تېخنىكا قوللىنىلغان كۆلەم 873 مىڭ موغا يېتىپ، ئومۇمىي كېۋەزلىكنىڭ %26 نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 506 مىڭ موغا يىتىپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىلنىڭ يىغىندىسىدىن زور كۆلەمدە ئېشىپ، تارىخى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىندى.

     كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى پاختىچىلىق رايونلىرى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ چىقىرىپ، قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددىگە بېرىش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، سۇ، توك، يول، قۇدۇقلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش تەدبىرىنى قوللاندى. ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزۈپ، بۇ تېخنىكىنى قوللانغان پاختىكارلارغا ھەر مو كېۋەزلىك ئۈچۈن 200 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە قوشۇمچە ياردەم پۇلى بەردى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەرلىك مالىيىدىن يۈرۈشلەشتۈرۈش، دېھقانلار ئۆزى توپلاش، ئىناۋەتلىك قەرز ئېلىش، ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېلىنمىنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسىنى يولغا قويغان تۈر رايونلىرىدا دېھقانلار سۇچىلىق جەمئىيىتى ۋە مۇلازىملىق ئەترىتى قۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. نەتىجىدە، ۋىلايەت بويىچە كېۋەزنى تېمىتىپ سۇغىرىشتىن تېجەپ قېلىنغان يىللىق سۇ مىقدارى 400 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ، مۇشۇ بىر تۈردىلا پاختىكارلارنىڭ چىقىمىنى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.      

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ