|
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ياسىننىڭ ھەمراھلىقىدا مۇشۇ ئاينىڭ 21 – سېنتەبردىن 24 – سېنتەبرگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى پېشقەدەم كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يوقلىدى ھەمدە قەشقەر شەھىرىدىكى پەن – تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى تيەنجىن خەيخې ئېكولوگىيە كەسپىي باغچىسى، مىللىي چالغۇ – ئەسۋاپلار كەنتى، شىنجاڭ پىستە تەتقىقات مەركىزى، ھېيتكار جامەسى قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى. ئەمما، بۇنىڭغا سەل قاراشقا، خىزمەتلەرنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇشى؛ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دەيدىغان ئىدىيىنى مۇستەھكەملەپ، مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، نەزەرنى يىراققا تىكىپ، مۇقىملىق خىزمىتىدىكى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى؛ ئىدىيىۋى تونۇشنى، ئاممىنى تەربىيىلەشنى، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى، زەربە بېرىش سالمىقىنى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ جايىدا بولۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.››
ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: ‹‹نۆۋەتتە، پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتى قانات يايدۇرۇلماقتا. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت پارتىيىلىك كادىرلار بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم بەرپا قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئاشۇرۇشى؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشى؛ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلقنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇش، خەلق ئۈچۈن مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقى مەڭگۈ ساقلىشى؛ پارتىيىلىك كادىرلار تەربىيىگە ئىگە بولۇش، ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇش، خەلق ئاممىسىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.››
|